بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك يېڭى مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 505 مىڭ 129 دىن ئاشتى.  يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 10 مىليون 285 مىڭغا ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 83 مىڭ 314 كە يەتتى.

1445202
بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك يېڭى مەلۇماتلار:

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيتتە مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە 4 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى، ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 348 گە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى551 كىشى ئېشىپ، 44 مىڭ 942 گە يەتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 2 كىشى قازا قىلدى،  437 كىشى يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 313 كە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 47 مىڭ 797 گە يەتتى.

بەھرەيىندە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن يەنە 5 كىشى قازا قىلىپ، 462 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 78 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 25 مىڭ 267 گە يەتتى.

لىۋاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 1 كىشى قازا قىلدى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 34 كە،  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 770 كە يەتتى.

قاتاردا 82 كىشى قازا قىلدى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 750 كىشى ئېشىپ،  94 مىڭ 413 كە يەتتى.

لىۋىيەدە يەنە 14 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 727 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر