سۇداندا كوللېكتىپ ھالدا تۈرمىدىن قېچىش ئۇرۇنىشى قانلىق ئاخىرىلاشتى

سۇداننىڭ شەرقىدىكى پورت سۇدان شەھىرىدە تۈرمىدىن قاچماقچى بولغان مەھبۇسلارغا ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 1 مەھبۇس ئۆلۈپ، 4 مەھبۇس يارىلاندى.

1444750
سۇداندا كوللېكتىپ ھالدا تۈرمىدىن قېچىش ئۇرۇنىشى قانلىق ئاخىرىلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ باشلانغان نارازىلىق پائالىيىتى ئىسيانغا ئايلىنىپ كەتتى.

تۈرمىنىڭ ئىچكى تېمىنى ۋە دەرۋازىلىرىنى چىقىپ، كوللېكتىپ ھالدا تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان مەھبۇسلارغا ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى.

سۇدان ساقچىلىرى مۇداخىلە نەتىجىسىدە، 1 مەھبۇسنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 4 مەھبۇسنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر