رۇسىيە تالىبانغا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مەخپىي پۇل تەكلىپى سۇندىمۇ؟

ئاقساراي رۇسىيەنىڭ تالىبان ئۇنسۇرلىرىغا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ۋە ئىتتىپاقداش قىسىملارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مەخپىي پۇل تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىستىخبارات ھەققىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا دوكلات بېرىلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1444743
رۇسىيە تالىبانغا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن مەخپىي پۇل تەكلىپى سۇندىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» مەزكۇر ئىستىخباراتنىڭ مارت ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دوكلات قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرگەن ئىدى.  

بۇنىڭغا قارىتا ئاقساراي باياناتچىسى كەيلېي ماكېننىي بايانات ئېلان قىلدى.

ماكېننىي ئامېرىكانىڭ بىر كۈندە نەچچە مىڭلىغان ئىستخىبارات تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز مەزكۇر ئىستىخباراتلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ يۈرمەيمىز، بىراق « نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى »نىڭ ترامپقا بۇ ھەقتە دوكلات بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋىرى ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ» دېدى.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرىنى ۋە بايقاشلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ياۋروپادىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەنمۇ چېتىشلىقى بولغان رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل تەكلىپى سۇنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

خەۋەردە ئامېرىكا مەسئۇللىرى مەنبە كۆرسىتىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تالىبان ئۇنسۇرلىرىغا پۇل تەكلىپى سۇنغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى نازارەتكە ئېلىنغان تالىبان ئەزالىرىنىڭ سوراق قىلىش جەريانىدا ئېيتىپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

مەزكۇر ئىستىخباراتنىڭ مارت ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دوكلات قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە يەنە، ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ موسكۋا دائىرىلىرىگە دىپلوماتىك نوتا بېرىشتىن تارتىپ،  بەزى ئېمبارگولارنى يولغا قويۇشقا قەدەر بىر تۈركۈم  تاللاشلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر