ئافرىقادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 492 مىڭ 395 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 739 مىڭ 552 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 5 مىليون 272 مىڭدىن ئاشتى.

1443691
ئافرىقادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 9 مىڭ 103 گە چىقتى.

مىسىردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 553 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. مىسىر بۇ جەھەتتە ئافرىقا قىتئەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

نىگېرىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە يەتتە كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 549 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 22 مىڭ 614 كە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقادا 2 مىڭ 292 كىشى، ئالجىرىيەدە 878 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلار سانى جەھەتتە جەنۇبىي ئافرىقا 118 مىڭ 375 سان بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. مىسىردا 61 مىڭ 130 كىشى يۇقۇملاندى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 168 مىڭدىن ئاشتى. ئېرىترېيە، ئۇگاندا، نامبىيە ۋە لېسوتو ۋە سېيشېل قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 4 مىڭ 634 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان خىتايدا، شاڭخەيدە ئىككى، بېيجىڭدا 11 بولۇپ، جەمئىي 13 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۆلۈم ۋەقەسى بىلدۈرۈلمىدى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 83 مىڭ 462 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ھازىرغىچە 282 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان جەنۇبىي كورېيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 39 كىشى يۇقۇملاندى، ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. بۇ دۆلەتتە جەمئىي يۇقۇم سانى 12 مىڭ 602 گە چىقتى.

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە 407 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 15 مىڭ 308 گە چىقتى. 17 مىڭ 296 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 491 مىڭ 170 كە چىقتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكىسىدا، ئىسىرائىلىيەگە 100 مىڭ دانە دىياگنوز ئۈسكۈنىسى ئەۋەتتى.

رۇسىيەدە يېقىنقى بىر كۈندە 176 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 8 مىڭ 781 گە، 6 مىڭ 800 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 620 مىڭ 794 كە چىقتى.  كۈنلۈك يۇقۇم سانى يېقىنقى ئىككى ئايدا تۇنجى قېتىم 7 مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشتى.

ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆپەيمەكتە.

قىرغىزىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، بۇ ھەپتە ئاخىرى تاكسى ۋە ئاممىۋى قاتناش توختىتىلىدۇ.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى قۇباتبېك بورونوۋ بىشكەك بىلەن ئوش شەھەرلىرىدە ۋە چۇي رايونلىرىدا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە جىددىي ھالەتنى قايتا يۈرگۈزۈشكە كېرەك يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىراندا 10 مىڭ 239 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 217 مىڭ 724 كىشى يۇقۇملاندى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

پاكىستان 3 مىڭ 962، ھىندونېزىيە 2 مىڭ 620، باڭلادىش 1 مىڭ 621، سەئۇدى ئەرەبىستان 1 مىڭ 428 ۋە قاتار 106.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر