سانجاق رايونى بوشناق مىللىي كېڭىشى تۈركىيەدىن تېببىي خادىملارنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى

سانجاق رايونى بوشناق مىللىي كېڭىشى باشلىقى جاسمىنا كۇرىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، تېز سۈرئەتتە تېببىي خادىم ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

1442638
سانجاق رايونى بوشناق مىللىي كېڭىشى تۈركىيەدىن تېببىي خادىملارنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جاسمىنا كۇرىكنىڭ باشتا نوۋى بازار شەھىرى بولۇپ سانجاق رايونىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشتە ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن مەكتۇپىدا، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 كۈننىڭ مابەينىدە رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا بۇنىڭدىن بۇرۇن رايونغا قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن جاسمىنا كۇرىك، «ياردەمگە موھتاجلارغا ھەردائىم ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇۋاتقانلىقىڭىزنى نەزەردە تۇتۇپ، سىزدىن يەنە بىر قېتىم جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىمەن. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىمىز تېببىي خادىم جەھەتتىكى ياردەمدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر