فىرانسىيە ژۇرنىلى: لىۋىيەدە دۇرۇس ئويۇن ئويناۋاتقان بىردىنبىر كىشى ئەردوغان

فىرانسىيەنىڭ «لۆ كانار ئانشېنې» ژۇرنىلى، بەزى فىرانسىيەلىك دىپلوماتلارنىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ لىۋىيەدە دۇرۇس ئويۇن ئويناۋاتقان بىردىنبىر كىشى ئىكەنلىكى قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يازدى.

1442640
فىرانسىيە ژۇرنىلى: لىۋىيەدە دۇرۇس ئويۇن ئويناۋاتقان بىردىنبىر كىشى ئەردوغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «لۆ كانار ئانشېنې» ژۇرنىلى، «لىۋىيەدە پەقەت تۈركىيەلا دۇرۇس ئويۇن ئويناۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ «تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە خەتەرلىك ئويۇن ئويناۋاتقانلىقى» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قارشى بەزى فىرانسۇز دىپلوماتلارنىڭ، «ئەردوغان گېئو-سىياسىي ، ھەربىي، نېفىت ۋە تەبىئىي نىشانلىرىنى يوشۇرماستىن دۇرۇس ئويۇن ئويناۋاتقان بىردىنبىر كىشى. بۇ ئاقدېڭىز، لىۋىيە ۋە قىبرىس ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە» دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەردە، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەرنىڭ رۇسىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە فىرانسىيەنىڭ ياردىمىگە ئىشنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈركىيەنىڭ مۇداخىلىسى سايىسىدا ھافتەرنى مەغلۇپ قىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر