ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىرانغا قارىتىلغان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ مۇدىتىنى يېڭىلاش نىشان قىلىنغان قارار لايىھەسىنى سۇندى.

1442409
ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش لايىھەسى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇدا 13 يىلدىن بۇيان ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتى، 2015 – يىلى ئىمزالانغان «يادرو كېلىشىمى» دائىرىسىدە بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئاخىرلىشىدۇ.

ئىرانغا قارىتىلغان خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ يېڭىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان قارار لايىھەسىدە، ئىرانغا قورال – ياراغ ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سېتىش، تەمىنلەش ۋە يۆتكەشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى ئەللەرگە، ئىرانغا بارىدىغان پاراخوتلاردا چەكلەنگەن ماتېرىياللار بارلىقىغا ئالاقىدار سەۋەبلەر بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تەكشۈرۈش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولماقتا.

رۇسىيە بىلەن خىتاي بولسا، ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ يېڭىلىنىشىغا قارشى چىقماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، 15  ئەزادىن كەم دېگەندە 9 ىنىڭ قوللاپ ئاۋازى بېرىشى ۋە دائىمىي ئەزالار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن ھېچبىرىنىڭ ۋېتۇ ھوقۇقىنى ئىشلەتمەسلىكى شەرت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر