تۇنىس پىرېزىدېنتى فىرانسىيەنىڭ تۇنىس خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى ئىيتتى

فىرانسىيە كوۋىد-19 تەدبىرلىرىنى يۇمشاتقاندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەللىك مېھماننى كۈتۈۋالدى.

1442447
تۇنىس پىرېزىدېنتى فىرانسىيەنىڭ تۇنىس خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى ئىيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد پايتەخت پارىژدا رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد زىيارەت جەريانىدا فرانسىيە 24 تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئۆتمۈشىنى ئەسلىتىپ، «فرانسىيە تۇنىسلىقلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا قەرزدار» دېدى.

قەيس سەئىد فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئىما قىلىپ، «تۇنىسلىقلار مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى. كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش ئۇلارنىڭ ھەققى» دېدى.

قەيس سەئىد دۆلىتىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان فرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئېلىسې سارىيىدا كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سەئىدنىڭ ئەرەبچە سۆز قىلىشى بەزى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولدى.

«تۇنىس تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر پىرېزىدېنتقا تەرجىمان ھەمراھ بولماقتا» دېگەن ئىنكاسلار قايتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر