مېكسىكادا يەر تەۋرىدى

مېكسىكانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئواخاگا (Oaxaca) رايونىدا يۈز بەرگەن 7.5 بال يەر تەۋرەشتە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1442148
مېكسىكادا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئواخاگا ئىشتاتىدا 7.5 بال يەر تەۋرىدى.

يەردىن بەش كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىنىڭ، ئواخاگاغا قاراشلىق كويۇل (Coyul) شەھىرىنىڭ غەربىگە توققۇز كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور (Manuel Lopez Obrador)، يەر تەۋرەشتە ئواخاگاغا قاراشلىق خۇاتۇلكو (Huatulco) شەھىرىدە بىر بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەر تەۋرەشتىن كېيىن قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئواخاگا ۋالىيسى ئالېكساندرو مۇرات (Alejandro) ئىشتاتتا ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فېدېراتسىيە خەلق مۇداپىئەسى مەسئۇللىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پېمېكس (Pemex) نېفىت شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر ئىشچى بىلەن ئواخاگانىڭ سان ئاگۇستىن ئاماتېنگو (SanAgustin Amatengo) يېزىسىدا بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پېمېكس شىركىتى يەنە، يەر تەۋرەشتە بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە بىر ئىشچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئوتنىڭ دەرھال ئۆچۈرۈۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە مىڭلارچە كىشى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كوچىلارغا چىقتى. كۆۋرۈكلەر، چېركاۋلار ۋە تاشيوللار زىيانغا ئۇچرىدى. بەزى رايونلاردا ئېلېكتىر توختىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر