ئەرەبىستان ۋە بىرما ئارمىيەلىرىنىڭ قايتىدىن «نومۇس تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىندى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئىجتىمائىي ئورگان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بىرما ئارمىيەلىرىنى قايتىدىن «نومۇس تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشكە چاقىردى.

1441478
ئەرەبىستان ۋە بىرما ئارمىيەلىرىنىڭ قايتىدىن «نومۇس تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24 كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئورگان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ، يەمەندە بالىلار ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بالا ئەسكەرلەرنى ئىشلىۋاتقان بىرما ئارمىيەسىنىڭ «نومۇس تىزىملىكى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان «قارا تىزىملىك»تىن چىقىرىۋېتىشىنىڭ ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆتكەن يىلى يەمەندە 222 بالىنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىشىغا، بىرما ئارمىيەسىنىڭمۇ 200 دىن ئارتۇق بالىنى ئەسكەر قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ب د ت نىڭ نومۇس تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، گۇتېررېس، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرما ئارمىيەلىرىنى قايتىدىن «نومۇس تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشكە چاقىرىلدى.

ب د ت، ئۆتكەن يىلى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش رايونلىرىدا 25 مىڭ قېتىمدىن كۆپ بالىلار ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن دوكلاتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرما ئارمىيەسىنى «نومۇس تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەنىدى.

دوكلاتتا، «يەمەندىكى بىرلەشمە، ھاۋا ھۇجۇملىرى، بالىلار ئۆلۈملىرى ۋە يارىلىنىشلاردىكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن بۇ تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر