نامايىشچىلار ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى جېكسوننىڭ ھەيكىلىنى چېقىۋېتىلمەكچى بولدى

ئامېرىكادا ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى لافايېت باغچىسى ئىچىگە تېكىلگەن سابىق پرېزىدېنت ئاندرېۋ جېكسوننىڭ ھەيكىلى بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلمەكچى بولدى.

1441750
نامايىشچىلار ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى جېكسوننىڭ ھەيكىلىنى چېقىۋېتىلمەكچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسلى ئافرىقىلىق جورج فلويىد ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش جەريانىدا باشلانغان «ھەيكەللەرنى چېقىش» پائالىيىتى ئاقسايغىچە يېتىپ باردى.

لافايېت باغچىسىنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان ئامېرىكانىڭ 7 - پرېزىدېنتى جېكسوننىڭ ھەيكىلىنى ئارغامچا بىلەن باغلىغان يۈزلىگەن نامايىشچى ھەيكەلنى يىقىتىشقا ئۇرۇندى.

بۇ ئارىلىقتا، جېكسونغا قارشى شوئارلارنىمۇ توۋلىغان نامايىشچىلار ھەيكەلنى چېقىش ئۇرۇنىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا، باغچا ساقچىلىرى ۋە مەخپىي ساقچىلار تېزدىن  ۋەقەگە مۇداخىلە قىلدى.

ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشتۇردى ۋە ھەيكەلنى قوغداش ئاستىغا ئالدى.

جېكسون نۇرغۇن يەرلىك خەلقنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «قېزىل تەنلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش قانۇنى» نىڭ ئىجادكارى شۇنداقلا نۇرغۇن قۇللىرى بولغان پرېزىدېنت، دەپ تونىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «لافايېت باغچىسى ئىچىدىكى ھەيۋەتلىك ئاندرېۋ جېكسون ھەيكىلىگە نۇمۇسلۇق ۋاندالىزم ھۇجۇمى قىلماقچى بولغان نۇرغۇن كىشى نازارەتكە ئېلىندى» دېدى.

ترامپ بۇ كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا بىنائەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ئېيتتى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان ئىشتاتلىرىدا قۇللۇقنى قوللايدىغان كونفېدېراتسىيە دەۋرىدىكى رەھبەرلەر ۋە قوماندانلارغا تەۋە نۇرغۇن ھەيكەللەر چىقىپ تاشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر