مادۇرو: زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارمەن

ۋېنېزۇئېلا پرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1441738
مادۇرو: زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو ۋېنېزۇئېلا خەۋەر ئاگېنتلىقى (AVN) غا بەرگەن بايانىتىدا، تىرامپنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىغا دائىر سۆزلىرى ئەسكەرتىلگەندە، ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پىرزىدېنتى جو بايدىن بىلەنمۇ 2015 – يىلىدا ئۇچراشقانلىقىنى تەكىتلەپ،  «مەن بايدىن بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت دائىرىسىدە قانداق ئۇزۇنغىچە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان بولسام، دونالد ترامپ بىلەنمۇ شۇنداق ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشقا تەييارمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئالدىنقى كۈنى تىرامپنىڭ «Axios» ناملىق تور بەتكە بەرگەن باياناتىدا، «گۇايدومۇ بولىدۇ، بولمىسىمۇ بولىدۇ ۋە مەن مادۇرو بىلەن ئۇچرىشىشنىمۇ ئويلىشالايمەن» دېگەن باياناتلىرى كۈن تەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى قايتا قۇرۇش يولىدىكى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 باياناتتا «ترامپ ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق پرېزىدېنت گۇايدونى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر