جىنايى ئىشلار سوتى: قولىمىزدا لىۋىيەدىكى كوللېكتىپ مازارغا دائىر ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار بار

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، لىۋىيەدىن تېپىلغان 11 كوللېكتىپ مازار ھەققىدە ئۇرۇش جىنايىتى ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنىڭ ئىسپاتى بولالايدىغان ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1441213
جىنايى ئىشلار سوتى: قولىمىزدا لىۋىيەدىكى كوللېكتىپ مازارغا دائىر ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى فاتۇ بېنسۇدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەھكىمىنىڭ، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلغان تەرھۇنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن 11 دانە كوللېكتىپ مازار توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئۇچۇرلارنىڭ لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن بېنسۇدا، «بىز لىۋىيەدىكى 11 كوللېكتىپ مازار توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق. ئۇچۇرلار ئۇرۇش جىنايىتى ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىغا پاكىت بولالايدۇ» دېدى.

گەرچە لىۋىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش كېلىشىمى بولغان رىم نىزامنامىسىگە قاتناشمىغان بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن لىۋىيەدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر