گېبرېيېسۇس ۋىرۇس ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈنۈگۈن دۇنيا مىقياسىدا رېكورت دەرىجىلىك ئېشىش بىلەن 183 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ۋە ۋىرۇسنىڭ يەنىلا ئەجەللىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1441446
گېبرېيېسۇس ۋىرۇس ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيېسۇس تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزى ئىشخانىسىدا سىن ئارقىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، «بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك قورقۇنچلۇق ۋە يېڭى رېكورت دەرىجىلىك ئېشىشقا دۇچ كەلمەكتىمىز» دېدى.

گېبرېيېسۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تۈنۈگۈن 183 مىڭدىن ئارتۇق كوۋىد -19 دېلوسىنىڭ دوكلات قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ بىر كۈندە خاتىرىلەنگەن ئەڭ كۆپ دېلو ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېبرېيېسۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 8 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق بىمار ۋە 465 مىڭدىن ئارتۇق كوۋىد -19 تۈپەيلى قازا قىلغانلار سانىنىڭ دوكلات قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بەزى دۆلەتلەردە دېلو ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا» دېدى.

گېبرېيېسۇس ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇسنى نەتىجىلىك كونترول قىلغاندىن كېيىن چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ۋە ئىقتىسادنى قايتىدىن جانلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭمۇ قايتىدىن كۆپەيگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

گېبرېيېسۇس يەنە مۇنداق دېدى:

«بارلىق دۆلەتلەر ئۆز خەلقىنى قوغداش بىلەن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئوتتۇرىسىدا سەزگۈر بىر تەڭپۇڭلۇققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ھايات ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى بىر تاللاش ئەمەس. دۆلەتلەر ھەر ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قىلالايدۇ»

«يېقىنقى كۈنلەردە بەزى مۇتەخەىسسىسلەرنىڭ <ۋىرۇس كۈچىنى يوقاتتى> دېگەن باياناتلىرى ۋە يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ رېكورت دەرىجىلىك ئېشىشىغا قارىماستىن، ئۆلۈم نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەشنى نېمىگە باغلاپ چۈشەندۇرىدۇ؟» دېگەن سوئالغا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەش ئەترىتى باشلىقى مارىيا ۋان كېرخوۋ جاۋاپ بەردى.

كېرخوۋ ۋىرۇستا ئۆزگىرىش بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ  تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر