نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 23 ئادەم قازا قىلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 23 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1440882
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 23 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە مەھەللىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، موتوسىكلىتلىق قوراللىق كىشىلەر زامفارا ئۆلكىسىنىڭ رۇۋان – توفا يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 23 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغان.

زامفارا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد شەھۇ، رايونغا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زامفارا ئۆلكىسى، 4 يىلدىن بۇيان چارۋىچىلىق بىلەن شۇللىنىدىغان فۇلانىلار بىلەن بىر قىسىم دېھقان قەبىلىلەرنىڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولماقتا.

چارۋىلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇب تەرىپىگە كۆچكەن فۇلانىلار، دېھقانلارنىڭ مال – چارۋىلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر