خىتايدا خەلقئارانىڭ شۇنچە قاتتىق نارازىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماستىن ئىت گۆشى فېستىۋالى يەنە باشلاندى

خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سودىگەرلەر يۈلىن شەھىرىدىكى گۆش بازىرىدا ئىت ۋە مۈشۈك گۆشى سېتىش ئۈچۈن سەل بولۇپ ئاقماقتا.

1440926
خىتايدا خەلقئارانىڭ شۇنچە قاتتىق نارازىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماستىن ئىت گۆشى فېستىۋالى يەنە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىۋىرۇس يۇقۇمى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان خىتايدا، 10 كۈن داۋاملىشىدىغان ئىت گۆشى فېستىۋالىنىڭ شۇنچە قاتتىق نارازىلىقلارغا پىسەنت قىلماستىن  يەنە باشلانغانلىقى دىققەتنى تارتماقتا.

 «Sky News» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتايدا ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئىتلارنىڭ پادا ھايۋانلار سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، گۇاڭشى ئۆلكىسىگە قاراشلىق يۈلىن شەھىرىدە تۈنۈگۈن باشلانغان تالاش-تارتىشلىق «لىچى ۋە ئىت گۆشى فېستىۋالى»دا، مىڭلىغان ئىت بوغۇزلىنىپ بازارغا سېلىنماقتا.

ھايۋاناتلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا مەدەنىي جەمئىيىتى (HSI) نىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسى پېتېر لى ئىت گۆشىنىڭ يېڭى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن خەتەرلىك  ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

پېتېر لى يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلگەن يۇقۇمنىڭ ئوخشىمىغان ئىممونىت سىستېمىسىغا ئىگە ھايۋانلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ،  ئىت گۆشىنىڭمۇ يېڭى تۈردىكى يۇقۇملارنى پەيدا قىلىشتا يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سودىگەرلەر يۈلىن شەھىرىدىكى گۆش بازىرىدا ئىت ۋە مۈشۈك گۆشى سېتىش ئۈچۈن سەل بولۇپ ئاقماقتا.  

پېتېر لى خىتاينىڭ ئىت گۆشى سودىسىنى چەكلەش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى قاتتىق جېكىلىدى.

خىتايدا ئىت گۆشىنىڭ  12 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق سودا ھەجىمىگە يەتكەنلىكى دىققەتنى تارماقتا.

خىتاي يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئىتلارنىڭ دېھقانچىلىق ھايۋانلىرى ئەمەس، ئەرمەك ھايۋانلار سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر