لىۋىيە مىسىرنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى

لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىسىرنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتپاقىدا «لىۋىيە مەسىلىسى» تېمىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىنى رەت قىلدى.

1439777
لىۋىيە مىسىرنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹لىۋىىيە ئەلئەھرار› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ترابلۇس ھۆكۈمىتى، قاھىرەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك پەۋقۇلئاددە «لىۋىيە مەسىلىسى» تېمىلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىنى، بۇنداق بىر يىغىننىڭ «ئاساسىق پىرىنسىپلارغا خىلاپ» بولغانلىقى ۋە «قاھىرە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە لىۋىيە مىللىي ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭەشمىگەنلىكى» سەۋەبلىك رەت قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مىنىستىرلىق، پىرىنسىپلار ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى نەزەردە تۇتۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەرقانداق بىر يىغىندا ماقۇللىنىدىغان ھۆججەتكە قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىبات باشقارمىسى، مىسىردىن لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە يىغىن ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى تاپشۇرۇۋالغانىدى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بولسا بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ يىغىن مەسىلىسىدىكى قارارىنى تېخىچە جاكارلىمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر