ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر ۋىدېئو ئويۇنىنىڭ رېتسىپ بىلەن سېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوزۇقلۇق ۋە دورا ئىدارىسى، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك ۋە ھەرىكەت بىنورماللىقىغا دۇچار بولغان بالىلارنى داۋالاشتا پايدىلىنىش مەقسىتىدە تۇنجى قېتىم بىر ۋىدېئو ئويۇنىنىڭ رېتسېپ بىلەن سېتىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.

1438284
ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم بىر ۋىدېئو ئويۇنىنىڭ رېتسىپ بىلەن سېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ۋە دورا ئىدارىسى بايانات بېرىپ، «ئەقىللىك ئىنتېرئاكتىۋ» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «EndeavorRx» ناملىق ئويۇنغا بازارغا سېلىش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ئويۇننىڭ 600 بالا ئۈستىدە ئۇدا 7 يىللىق ئېلىپ بېرىلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك ۋە ھەرىكەت بىنورماللىقىنى داۋالاشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 8 ياش بىلەن 12 ئارىلىقىدىكى بالىلارنىڭ دىققەتنى يىغىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە «EndeavorRx» ناملىق ئويۇننىڭ رېتسېپ بىلەن سېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇ ئويۇننىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك ۋە ھەرىكەت بىنورماللىقىغا سەۋەب بولغان ھۈجەيرىلەرنى ياخشىلاشنى نىشان قىلغان تۇنجى رەقەملىك داۋالاش تۈرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ۋە دورا ئىدارىسى تەرىپىدىن بازارغا سېلىش رۇخسىتى بېرىلگەن تۇنجى ئويۇن مەركەزلىك داۋالاش تۈرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر