باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان پ ك ك تەرەپدارى نازارەتكە ئېلىندى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىغا سەكرەپ، قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تەرەبدارى نازارەتكە ئېلىندى.

1438035
باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان پ ك ك تەرەپدارى نازارەتكە ئېلىندى
ingltere pkk.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش قىلغان 10 غا پ  ك ك تەرەپدارلىرىدىن بىرسى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىغا سەكرىگەن ئىدى.

بورىس جونسوننىڭ شوپۇرى ماشىنىسىنى تورمۇزلىغاندا، قوغدىغۇچى ئاپتوموبىل ئارقىدىن، كېلىپ بورىس جونسوننىڭ ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان ۋە ساقچىلار پ ك ك تەرەپدارىنى نازارەتكە ئېلىپ، پارلامېنتتىكى ساقچىخانىغا تاپشۇرغان ئىدى.

ئەنگلىيە دائىرىلىرى ۋەقە جەريانىدا جونسوننىڭ ئاپتوموبىل ئىچىدە بارلىقىنى جەزملەشتۈدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك 2001 - يىلىدىن بۇيان ئەنگلىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەنگلىيەدە تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى ھەرقانداق بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلارغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر