ئەرەب قەبىلىلەر تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى

ئىراقتىكى ئەرەب قەبىلىلەر تۈركىيەنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى نىشان قىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى.

1437038
ئەرەب قەبىلىلەر تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك، سالاھىدىن ۋە دىيالە ۋىلايەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ باياناتچىسى شەيخ مىزاھىم ئەلھۇۋەيت، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللايمىز. چۈنكى، بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر، سىنجار تېغىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كونتروللۇقىدىكى تۈرمىلەردە ناھەق يېتىۋاتقان ئەرەب ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەن جازالىرى ۋە باسقۇنچىلىقلارغىمۇ بىر جاۋاب ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەرۋەقە، سىنجاردا يەر ئاستى مەخپىي 8 تۈرمە بار بولۇپ، بۇ يەردە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 80 مەسۇم ئەرەب تۇتقۇن بار. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سىنجار، ماھمۇر ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، باغداد پارلامېنتى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ۋە ئەربىل پارلامېنتىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدىن چېكىنىشى ئۈچۈن قارار ماقۇللاشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر