ياۋروپادا ھايات نورماللىشىشقا باشلىدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 435 مىڭدىن ئاشتى. تەخمىنەن 8 مىليونغا يېقىن كىشى يۇقۇملاندى ۋە 4 مىليون 129 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشلاندى.

1436186
ياۋروپادا ھايات نورماللىشىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 34 مىڭ 345 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىتالىيەدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيجى دىمائىيۇ (Luigi Di Maio) ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن كېيىن، 15-ئىيۇن (بۈگۈن) نىڭ ياۋروپا قايتىدىن ئېچىلىدىغان كۈن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن توققۇز كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 29 مىڭ 407 گە چىقتى. يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا 407 كىشىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 194 مىڭ 625 كە چىقتى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 2020-يىلى 22-ئىيۇندىن باشلاپ نورماللىشىدىغانلىقىنى ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ پارىژدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، قەھۋەخانا ۋە رېستورانلارنىڭ ئىچ قىسىملىرىنىڭ بۈگۈن (2020-يىلى 15ئىيۇن) دىن باشلاپ مۇلازىمەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە، بۈگندىن باشلاپ ياۋروپا ئىچىدە ئەركىن ساياھەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە ۋابا كونترول قىلىنغان ياۋروپا سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە 2020-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ بارسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 27 دەپ ئېلان قىلىنغان ھەپتىلىك ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈم سانىنى 26 گە چۈشۈردى. جەمئىي ئۆلۈم سانىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن 27 مىڭ 136 دە توختاتقان مىنىستىرلىق، يېقىنقى 24 سائەتتە يېڭىدىن 48 ئۆلۈمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، جەمئىي ئۆلۈم سانىنىڭ 243 مىڭ 928 گە چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 517 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە 227 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 36 مىڭ 690 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن ئامېرىكادا، 117 مىڭ 858 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىليون 162 مىڭ 228 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بىرازىلىيەدە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 43 مىڭ 389 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 867 مىڭ 882 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 17 مىڭ 141 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مېكسىكادا، يۇقۇملانغانلار سانى 146 مىڭ 837 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيە 41 مىڭ 698، بېلگىيە 9 مىڭ 655، گېرمانىيە 8 مىڭ 870، كانادا 8 مىڭ 146، پېرۇ 6 مىڭ 688، شىۋېتسىيە 4 مىڭ 874، چىلى 3 مىڭ 323 ۋە كولومبىيە 1 مىڭ 667.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر