خىتاي ھىندىستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن جىددىيلىك ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ھىندىستان بىلەن بولغان چېگراسىدا يۈز بەرگەن يېقىندىن بۇيانقى جىددىيلىكتىن كېيىن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1433839
خىتاي ھىندىستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن جىددىيلىك ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يېقىندا يۈز بەرگەن جىددىيلىكنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

خۇا چۈنيىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا دىپلوماتىك ۋە ھەربىي يوللار ئارقىلىق چېگرادىكى ئالاقىدار ۋەقەلەرنى مۇۋاپىق شەكىلدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىدە مۇرەسسەلىشىش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىرچە ھەر ئىككى تەرەپ چېگرادىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇرەسسەگە ئاساسەن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلماقتا» دېدى.

ھىندىستانلىق مەسئۇللار ماي ئېيىنىڭ بېشىدا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈچ نۇقتىدىن لاداق رايونىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇ يەردە چېدىر ۋە ھەربىي قاراۋۇلخانا قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم قىلىنغان ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لاداق رايونىنىڭ شەرقىدە ۋە سىككىم ئۆلكىسىدە، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى دوقۇرۇشقاندىن كېيىن ھەممەيلەننىڭ دىققىتى بۇ رايونلارغا مەركەزلەشكەن ئىدى.

ھىندىستان ۋە خىتاي لاداختىكى دېمچوك، چۇمار، دۇلەت بېگ ئولداي، گالۋان ۋادىسى ۋە پانگۇڭ تسو كۆلى ئەتراپىغا قوشۇمچە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

خىتاي ئەسكەرلىرى گالۋان ۋادىسىدا 100 گە يېقىن چېدىر تىكىپ، پانگۇڭ تسو كۆلىدىكى چارلاش كېمىلىرىنىڭمۇ سانىنى كۆپەيتكەن ئىدى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى 3500 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش- تارتىشلىرىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتىۋالغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىكى 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بولسا، ئاقساي چىن ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

ئىككى تەرەپ ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان سۆھبەتلەر ئارقىلىقمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلالمايۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلە يېقىندىن بۇيان خىتاي – ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.

ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن كېلىپ چىققان جىددىيچىلىك2017 - يىلىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر