فىلونىس فلويد ئاكىسى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى

ئامېرىكادا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىدا جېنىدىن ئايرىلغان قارا تەنلىك جورج فلويدنىڭ ئىنىسى فىلونىس فلويد (Philonise Floyd) كونگرە ئەزالىرىدىن ئىنىسى ئۈچۈن ئادالەتنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1433895
فىلونىس فلويد ئاكىسى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جورج فلويدنىڭ ئىنىسى فىلونىس فلويد ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئادالەت كومىتېتى تەرىپىدىن ئېچىلغان ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا قاتناشتى. ئۇ يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ناھايىتى تەسىرلىك سۆز قىلدى ۋە ئاكىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىنى ۋىدېئودىن كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاكىسىنىڭ بىر قانچە قېتىم يالۋۇرۇپ ئۆتۈنگەنلىكىنى، بىراق كۆرمەسكە سېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىرنىڭ ئۆزىدە مېنىڭ، ئائىلەمنىڭ ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كوچىلارغا چىققان كىشىلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار» دېدى.

ئۇ ئاكىسىنىڭ 20 دوللار ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كونگرە ئەزالىرىدىن ئاكىسى ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق سەۋەبىدىن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچار بولغانلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

46 ياشلىق جورج فلويد 2020-يىلى 25-ماي مىننېپولىستا ساقچىلار تەرىپىدىن قويمىچىلىق گۇمانى بىلەن تۇتۇلۇش جەريانىدا، بىر ساقچىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تىزى بىلەن بويۇنىنى بېسىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا، «نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دەپ يالۋۇرغان ئىدى. جورج فلويدنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئولار، تاراتقۇلاردا قاتتىق نارازىلىققا سەۋەب بولغان ئىدى.بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكادا قارا تەنلىكلەرگە قارشى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق مۇنازىرەلىرى قايتا قوزغالدى. نامايىشلار ئامېرىكادىكى مىننېپولىستىن دۆلەت مىقياسىغا ۋە ياۋروپاغىچە كېڭەيدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكادىكى ساقچى تەشكىلاتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى ۋە بەزى رايونلاردىكى ساقچى ئىدارىلىرىدە يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر