ب د ت لىۋىيە ئۇرۇش توختىتىش يىغىنلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى نىشان قىلىدىغان ئورتاق ھەربىي كومىتېت يىغىنلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1433969
ب د ت لىۋىيە ئۇرۇش توختىتىش يىغىنلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ھەيئىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەر ھەيئىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىنىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، 5+5 فورمۇلىسى ئاستىدا چاقىرىلغان ئورتاق ھەربىي كومىتېتنىڭ 3 – نۆۋەتلىك  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنلىرىنىڭ، 3 - ئىيۇن كۈنى ھەفتەر ھەيئىتى بىلەن، 9 – ئىيۇن كۈنبى لىۋىيە ھۆكۈمىتى ھەيئىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ھەيئىتى، 2 – ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھەربىي ئىسيانچى ھەفتەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

لىۋىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق ئىلگىرى ئايرىم - ئايرىم 3 سۆھبەت ئۈستىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەفتەرنىڭ مۇرەسسەلەشمەز پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن مۇزاكىرىلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر