ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېىتم ئەسلى ئافرىقالىق بىر گېنېرال ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى
ئامېرىكا پالاتاسى، ئەسلى يۇرتى ئافرىقا بولغان گېنېرال – پولكوۋنىك چارلېس بروۋننىڭ ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىشىگە دائىر قارارنى ماقۇللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئەسلى ئافرىقالىق بىر گېنېرالنىڭ ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن گېنېرال – پولكوۋنىك بروۋن پاتالا ئەزالىرىنىڭ تولۇق ئاۋازىغا ئېرىشتى. 98 پالاتا ئەزاسى قوللاپ بېلەت تاشلىغان قارارغا بىرمۇ كىشى قارشى چىقمىدى.
بروۋننىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنىڭ، ئامېرىكادا ئەسلى ئافرىقالىق جورج فلويدنىڭ ساقچىلارنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى سەۋەبلىك جېنىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.
گېنېرال – پولكوۋنىك بروۋن، بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندى – تىنچ ئوكيان ھاۋا قىسىملىرى قوماندانلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە ئىدى.
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنجى ئافرو-ئامېرىكالىق ئارمىيە قوماندانى سۈپىتىدە گېنېرال – پولكوۋنىك چارلېس بروۋننى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلەش قارارىم پالاتانىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى. ئامېرىكاغا نىسبەتەن بىر تارىخىي كۈن. بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەر ۋە لىدېر بولغان گېنېرال – پولكوۋنىك بروۋن بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىشتىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراندا ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى
ئىراننىڭ مازەندەران ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن 21 كىشى ئۆلدى.