باڭلادېش ئاراكانلىق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

باڭلادېش مالايشىياغا قانۇنسىز كىرگەن ۋە بۇ دۆلەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان 269 ئاراكانلىق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1433242
باڭلادېش ئاراكانلىق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇل موئمىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) نىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يازما سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، مالايشىيادىن كېلىدىغان ئۇنداق تەلەپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئاراكان مۇسۇلمانلىرى باڭلادېشنىڭ پۇقراسى ئەمەس، ئۇلار ئەسىرلەردىن بۇيان بېرمانىڭ ئاھالىسىدۇر» دېدى.

ئابدۇل موئمىن، «باڭلادېش ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ، باڭلادېشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاراكانلىقنى قوبۇل قىلغۇدەك نە مەجبۇرىيىتى يوق، نە ئىمكانىيىتى» دېدى.

باشقا دۆلەتلەرنى پەقەت باڭلادېشقا بېسىم ئىشلىتىش بىلەنلا بولماي، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرغان  ئابدۇل موئمىن، «بىزدىن پاناھلىق بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھازىر باڭلادېشتا پاناھلىنىۋاتقان 1 مىليون 100 مىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز »دېدى.

2017 - يىلى ئاۋغۇستتىن كېيىن بېرمادىكى مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان ۋە باڭلادېشقا قېچىپ بارغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دېڭىز يولى ئارقىلىق ياشاش شارائىتى تېخىمۇ ياخشى بولغان مالايشىياغا بېرىشقا تىرىشماقتا.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى بولسا، دۆلەتكە كەلگەن ئاراكانلىقلارنى ئۇلار كەلگەن باڭلادېشقا قايتۇرماقچى بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر