ب د ت ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى...

1432797
ب د ت ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشلۈك باياناتىدا، 7 مىليارد 800 مىليونغا يەتكەن دۇنيا نوپۇسىغا يەتكۈدەك ئاشلىق بولسىمۇ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۇنيا مىقياسىدا 820 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ھەر 5 بالىدىن بىرىنىڭ ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەھەتتە كېچىكىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، «ئاشلىق سىستېمىمىز يىمىرىلمەكتە ۋە كوۋىد – 19 يۇقۇمى ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، «يۇقۇم سەۋەبىدىن يەنە 49 مىليون ئادەم يۇقسۇللۇقنىڭ پەنچىسىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئاشلىق بىخەتەرلىكى بولمىغان كىشىلەرنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر