يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 408794 تىن ھالقىدى؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى 7 مىليون 201 مىڭغا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 3 مىليون 538 مىڭغا يېقىنلاشتى.

1432274
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 298 ئادەم قازا قىلغانلىقى، 17915 ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىسرائىلىيەدە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ كېتىشىدىن كېيىن، يۇقۇمغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى بوشىتىش قارارى توڭلىتىپ قويۇلدى. ئىسرائىلىيەدە 24 – مايدا بىر كۈندە يۇقۇم بايقالغان ئادەم سانى 5 كە تۆۋەنلىگەن بولسا، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بوشىتىلىغاندىن كېيىن بۇ سان ئالدىنقى كۈنى 190 غا يەتكەنىدى.

قازا قىلغانلار سانى 57 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 70158 گە يەتكەن قاتاردا، يۇقۇمنى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ قەدەممۇقەدەم بوشىتىلىدىغانلىقى، بۇ دائىرىدە 15 – ئىيۇندىن تارتىپ جۈمە نامىزىدىن باشقا نامازلار ئۈچۈن بىر قىسىم جامەلەرنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيتىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 82 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 1080گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2594 كىشى كۆپىيىپ 50879 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گانادا قازا قىلغانلار سانى 48 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 9910 غا يەتتى.

ئافرىقا مىقياسىدا بولسا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭدىن ھالقىدى.

بۈگۈنگىچە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى 1271 ئادەم بىلەن قىتئەنىڭ شىمالىدىكى مىسىردا كۆرۈلدى. ئۇنىڭدىن قالسا تەرتىپى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقادا 1080، ئالجىرىيەدە 715، سۇداندا 359 ۋە نىگېرىيەدە 354 ئادەم قازا قىلغان بولدى.

ئافرىقا قىتئەسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىن قالسا مىسىر (35444)، نىگېرىيە (12486)، ئالجىرىيە (10265) ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر