باغداد ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.

1432347
باغداد ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتىگە تەۋە بىخەتەرلىك ئاخبارات تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «باغدات ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەب ھۇدەير رايونىدىن ئېتىلغانلىقى ئېنىقلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر «تېرورلۇق ھۇجۇمى» ئېلىپ بېرىۋاتقان تەرەپلەرنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر