مۇسىۋى: ئىران ئامېرىكا بىلەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا تەييار

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسىۋى ئامېرىكا بىلەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا تەييارئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1431564
مۇسىۋى: ئىران ئامېرىكا بىلەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس  مۇسىۋى ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى مەھبۇس ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنمەسلىك سىپىلى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇسىۋى، «ئەگەر يېڭى مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا، بىز بۇنىڭغا تەييارمىز. بىز ئامېرىكىدا تۇتۇپ تۇرىلۇۋاتقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز». دېدى.

مۇسىۋىي ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەت ئۈچۈن تېھران دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىشىنى كۈتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدىمۇ  توختىلىپ، «سايلام ئامېرىكانىڭ ئىچكى مەسىلىسىدۇر، ئىران ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۆزگىرىش ۋە پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمىدى ھمم  كۈتمەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەزگىلدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىرانلىق ئالىم سىرۇس ئەسغەرى، 3 - ئىيۇن چارشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن، ئىراندا 683 كۈن تۈرمىدە ياتقان ئامېرىكا دېڭىز ئامىيەسى خادىمى مايكېل ۋايتمۇ قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

مايكېل ۋايتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ئامېرىكىدا 16 ئاي قامالغان ۋە ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىران ئالىمى مەجىد تاھىرمۇ قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى بىل رىچاردسون مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد زارىق بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر