ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنىڭ مەغلۇبىيىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى بىئارام قىلدى

ھەربى ئىسيانچى گېنېرال ھافتەرئۇنسۇرلىرى لىۋىيە ئارمىەىسى تەرىپىدىن ئېغىر مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى»نى جار سېلىشقا باشلىدى.

1431659
ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنىڭ مەغلۇبىيىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى بىئارام قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يېقىنقى كۈنلەردە ھەربى ئىسيانچى گېنېرال ھافتەر لىۋىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، «سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى»نى جار سېلىشقا باشلىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەنۋەر گارگاش تىۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ 8 - ئىيۇندا ئۇرۇش توختىتىشنى پىلانلىغان قاھىرە خىتابنامىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى، لىۋىيەدە ئەرەب دۇنياسى ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىشىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ دۆلەتتىن چىقىرىلىشىنى ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىگە قايتىپ كېلىشىنى تەكىتلىدى.

ئوچۇق ھالدا ھەربىي ئارىلىشىش دەۋرى يۈز  بېرىۋاتقان ھازىرقى مەزگىلدە، زاماننى يۈز يىل ئىلگىرىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گارگاش، «سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن بىر خەلقئارالىق سىياسىي ئىرادەنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ » دېدى.  

گارگاش خەلقئارا جەمائەتچىلىكنىڭ بولۇپمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش قاتارلىق بەزى ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لىۋىيە ئارمىيەسى يېقىندىن بۇيان ھافتەرگە تەۋە  قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھافتەر ۋە ئىتتىپاقداشلىرى 6 - ئىيۇندا مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يىغىلىشقان ئىدى.

مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى، ھافتەر ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاقىلە سالىھ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 8 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن لىۋىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇش توختىتىشنى پىلانلىغان «قاھىرە خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە، فىرانسىيە ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى «قاھىرە خىتابنامىسى» نى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر