«تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقى داۋانلىشىدۇ»

لىۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد مۇئەيتىك تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقىنىڭ، لىۋىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1430612
«تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقى داۋانلىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، لىۋىيەنىڭ «‹ February› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مىللىي پىروگراممىمىزغا ئاساسەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەقىقىي ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش نىشانىغا يەتتۇق، بۇ سايىدا دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قايتۇرما زەربە بەردۇق. يېقىن كەلگۈسىدە، لىۋىيە تۇپراقلىرىنىڭ ھەممىسى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتىدۇ. لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىگە گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلارغا شۇنداق سىگنال بېرىپ ئۆتىمەنكى، دۆلىتىمىزدە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانمۇ، تۈركىيە بىلەن كېلىشىم تۈزگەنمۇ لىۋىيە ھۆكۈمىتىدۇر. قىسقىسى، تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھتۇر، ساھەدىمۇ ھەمراھىمىز بولۇپ، بۇ ئاداققىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى باسقۇچىدىمۇ، تەرەققىيات ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەكىللەندۈرۈش مۇساپىسىدىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر