بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 398 مىڭ 680 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 874 مىڭ 800 گە، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 369 مىڭغا يەتتى.

1430537
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار
koronavirus ispanya.jpg

ئامېرىكادا ھازىرغىچە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 111 مىڭ 400 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 966 مىڭ 266 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 85 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 33 مىڭ 774 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 234 مىڭ 531 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 46 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 111 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 190 مىڭ 460 قا يەتتى.

فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىلىمىي ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى جان فرانسوۋا دېلفراسىسى، يۇقۇمنىڭ دۆلەت ئىچىدە كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەتتە 23 - مايدىن باشلاپ، جامەلەردە تۇنجى قېتىم ئاممىۋى ئىبادەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى، ئارىدىن تەخمىنەن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلدى. پايتەخت پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئارگېنتېئۇلدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار، دىنىي ئىشلار تۈرك-ئىسلام بىرلىكى (DITIB) گە قاراشلىق «مەۋلانا جامەسى» دە، يۇقۇمدىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇدى.

پورتۇگالىيەدە ېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 10 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1465 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 33 مىڭ 969 غا يەتتى.  پورتۇگالىيە باش مىنىستىرى ئانتونيو كوستا، دۆلەت چېگرا ئېغىزلىرى ۋە  ئايرودۇرۇملاردىكى تاشقى لىنىيە ئۇچۇشلىرىنىڭ 15 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يۇقۇمنىڭ لاتىن ئامېرىكادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ۋە ھازىرغىچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 34 مىڭ 47 كىشى قازا قىلغان بىرازىلىيەدە، پىرېزىدېنت جاير بولسونارونىڭ، يۇقۇم سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە قىلغان «ئۆلۈم پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەدىرى» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى، ئەنگلىيەدە 40 مىڭ 261 گە، مېكسىكادا 13 مىڭ 170 كە، بېلگىيەدە 9 مىڭ 580 گە، گېرمانىيەدە 8 مىڭ 763 كە، كانادادا 7 مىڭ 751 گە، پېرۇدا 5 مىڭ 162 گە، ئېكۋادوردا 3 مىڭ 534 كە، چىلىدا 1448 گە، كولومبىيەدە 1145 كە يەتتى.

ھازىرغىچە پەقەت 22 كىشى قازا قىلغان، ئۇدا 15 كۈندىن بۇيان يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان يېڭى زېلاندىيە، ئۇدا 15 كۈندىن بۇيان يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەلىكىنى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ 8 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر