مېننېسوتادا جورج فلويد ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مىننېئاپولىستامۇ ساقچىلارنىڭ زورلۇق – زۇمبۇلۇقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان جورج فلويدنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1430078
مېننېسوتادا جورج فلويد ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بوۋسېر، قارا تەنلىك ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار سەۋەبىدىن شەھەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ چېكىندۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بوۋسېر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان «قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماستىن» داۋاملاشقان جورج فلويد نامايىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ، نامايىشلار جەريانىدىكى زاراۋانلىق ۋەقەلىرىگە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن شەھەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەر توغرىسىدا توختىلىپ، »ۋاشىنگتونغا باشقا ئىشتاتلاردىن كەلگەن ئەسكەلەرنىڭ شەھەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ۋاشىنگتونغا ئېغىرلىق تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەر ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن، شەھەردىكى نامايىشلارنىڭ تىمپېراتوراسى تۆۋەنلەپ «تىنچ» ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

بۇ جەرياندا، جورج فلويدنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان نازارەت ئاستىدىكى 4 ساقچىنىڭ 3ى ئۈچۈن 750 مىڭ دوللار كاپالەت پۇلى بېكىتىلدى.

فلويدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان توۇ تاۇ، توماس لېين ۋە ئالېكساندېر كۇئېڭ تۈنۈگۈن ھېننېپىن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى.

سودىيە پائۇل سكوگىن، گۇماندارلارغا 750 مىڭ دوللار كاپالەت پۇلى بېكىتىپ، ئىككىنچى قېتىملىق سوتنىڭ 29 – ئىيۇندا ئېچىلىشىغا قارار قىلدى.

توۇ تاۇ، توماس لېين ۋە ئالېكساندېر كۇئېڭ قاتارلىقلار، نازارەتكە ئېلىش ئەسناسىدا فلويدنىڭ بوينىغا تېزىنى قويۇپ بېسىش ئارقىلىق جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان دېرېك چاۇۋىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەقە يۈز بېرىپ 24 سائەت ئۆتمەستىنلا خىزمەتتىن بوشىتىلغانىدى.

چاۇۋىنمۇ ئۆتكەن ھەپتە ھېننېپىن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 – دەرىجىلىك جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى. بىراق، دېلونىڭ مىننېسوتا ۋالىيلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىشتات باش مۇپەتتىشى كېئىت ئېللىسونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن كېيىن، دېرېكقا قارىتىلغان ئەيىبلەشنىڭ دەرىجىسى ئېغىرلاشتۇرۇلۇپ، 2 – دەرىجىلىك جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاشقا قارار قىلىنغانىدى. ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنغان تەقدىردە، چاۇۋىننىڭ كەم دېگەندە 40 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويد نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى «تىنالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىڭراشلىرىغا قارىماي، ساقچىنىڭ تىزىنى بوينىغا قويۇپ بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ۋەقە، شۇ كۈندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىننېئاپولىستامۇ ساقچىلارنىڭ زورلۇق – زۇمبۇلۇقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان جورج فلويدنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى نورت سېنترال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا فلويدنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، دوستلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە، دىنىي ۋە سىياسىي لىدېرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى نەق مەيداندىن تارقاتقان مۇراسىمدىن ئىلگىرى، جورج فلويدنىڭ تاۋۇتى قويۇلغان جىنازا ئاپتوموبىلى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن بىناغا يېقىنلاشقان ئەسنادا مىننېئاپولىس ساقچى باشلىقى مېدارىئا ئاررادوندو بىلەن كومىسسار ياردەمچىسى دېيۋ ئوكونندېر تېزلانغان ھالدا ھۆرمەت بىلدۈردى. زالدىكىلەر، فلويد نەپەس ئالالمىغان ۋاقىتنى كۆزدە تۇتۇپ، 8 مىنۇت 46 سىكۇنت بويىچە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى، فلويدنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە بىر قىسىم مېھمانلار كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر