لىۋىيە ئارمىيەسى تەرھۇنە ۋىلايىتىنى كونترول ئاستىغا ئالدى

لىۋىيە ئارمىيەسى تەرھۇنە ۋىلايەت مەركىزىنى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرىدىن تازىلاپ كونترول ئاستىغا ئالدى.

1430083
لىۋىيە ئارمىيەسى تەرھۇنە ۋىلايىتىنى كونترول ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئارمىيەگە قاراشلىق ھەرقايسى قىسىملار تۆت تەرەپتىن ھەفتەر كۈچلىرىگە قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋىلايەت مەركىزىنى كونترول ئاستىغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرھۇنە شەھىرىدە ھەفتەرنىڭ سەپلىرىدىن ئورۇن ئالغان خەلق ئەسكەرلىرى كاتتىباشلىرىدىن رىياد ئەلكۇبەييىرنى قولغا چۈشۈرگەن، ھەمدە  ۋىلايەتتىن قاچقان تەرھۇنە شەھىرىدىكى ھەفتەرگە قاراشلىق قانىيات كۈچلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن.

ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرى، ترابلۇسنىڭ تەخمىنەن 90 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تەرھۇنە شەھىرىنى، پايتەختكە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھەربىي ھەرىكەت ۋە تەمىنلەش مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتاتتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، لىۋىيە ئارمىيەسى پايتەخت ترابلۇسنىڭ 100 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى گىريان شەھىرىگە قاراشلىق ئوربان رايونىنىمۇ كونترول ئاستىغا ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىسراتە شەھىرىدە ھەفتەرگە ياردەم بېرىۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئەسكىرى قازا قىلدى.

لىۋىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان «غەزەپ – نەپرەت ۋولقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باياناتچىسى مۇستافا ئەلمەجائىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمنىڭ لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ تەرھۇنە شەھىرىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر