بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 393 مىڭ 850 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 740 مىڭ 700 گە، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 274 مىڭ 790 غا يەتتى.

1430162
بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار تولۇقلىما مەلۇماتلار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن قازا قىلغۇچىلار ۋە يۇقۇملانغۇچىلار سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن دۆلەت بولدى. ئامېرىكادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 110 مىڭ 256 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 926 مىڭ 341 گە يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 40 مىڭ 261 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 281 مىڭ 661 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 88 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 33 مىڭ 689 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 234 مىڭ 13 كە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 44 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 65 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 189 مىڭ 849 غا يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 5 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 27 مىڭ 133 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 240 مىڭ 660 قا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە ېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 8 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1455 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 33 مىڭ 592 گە يەتتى.

بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيەدە 39 مىڭ 904؛ بىرازىلىيەدە 34 مىڭ 39؛ مېكسىكادا 12 مىڭ 545؛ بېلگىيەدە 9 مىڭ 566؛ گېرمانىيەدە 8 مىڭ 736؛ كانادادا 7 مىڭ 637؛ پېرۇدا 5 مىڭ 31؛ چىلىدا 1356.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور، دۆلەتتە بىر كۈن ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەلق ئارىسىدا ئەندىشە تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى، ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسىنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.

ئۇ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماسلىق سەۋەبىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۆزى ئۈستىدىن تارقالغان دەۋالارنىڭ راست – يالغانلىقىغا قارىتا، «مەن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىجرا قىلدىم، خالاس» دەپ جاۋاب بەردى.

8 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن نورماللىشىش مۇساپىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغان بېلگىيە، يىراقتىن ئىشلەش بەلگىلىمىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. كاتولىك لېئۇۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدا بېلگىيەلىكلەرنىڭ % 50 تىنىڭ، «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدا داۋالاش خىزمەتلىرىگە سەل قارالدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، % 40 تىنىڭ بولسا، سالامەتلىك جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، دوختۇرخانىغا بارمىغانلىقى ياكى دوختۇرغا كۆرۈنمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئاۋسترالىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئۆلكىسىدە ۋاقىتلىق  ئىبادەتكە تاقالغان ۋە 1 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن قايتىدىن ئېچىلغان جامەلەردە، ئارىدىن 83 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزى بۈگۈن ئوقۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر