ئېسپېر ۋاشىنگتونغا ئورونلاشتۇرغان ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش قارارىنى قايتۇرۇۋالدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «پايتەخت ۋاشىنگتونغا يېقىن بازىلارغا تەدبىر مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش» قارارىنى قايتۇرۇۋالدى.

1429085
ئېسپېر ۋاشىنگتونغا ئورونلاشتۇرغان ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش قارارىنى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 - مايدا قارا تەنلىك ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن باشلانغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيگەن ھالدا داۋاملاشماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلارغا تېخىمۇ قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىما – ئىشارەتلىرى كەلمەكتە.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «پايتەخت ۋاشىنگتونغا يېقىن بازىلارغا تەدبىر مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش» قارارىنى قايتۇرۇۋالدى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، ئالدىنقى كۈنى كەچتە ۋاشىنگتونغا يۆتكەلگەن 1600 ئەسكەرنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشامدىن تارتىپ بۇرۇنقى بازىلىرىغا قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىراق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، پىيادە قىسىملار باش كاتىپى ريان ماكارتي يەنە مەزكۇر ئاگېنىتلىققا مىنىستىر ئېسپېرنىڭ چېكىنىش قارارىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسىمۇ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ زۆرۈر دەپ قارىغان تەقدىردە، داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارغا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئىسيان قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى، مۇخبىرلارنى كۆتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بارلىقىنى مەزمۇن قىلغان قوشۇمچە بىرىنچى ماددىسىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «قوشۇمچە بىرىنچى ماددا، ھېچكىمگە بولاڭچىلىق قىلىش، ئىسيان كۆتۈرۈش، بىنالارغا ئوت قويۇش، مال – مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، خەلق ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، بۇ ماددا ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ئۇسۇلدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جورج فلويدنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش جەريانىدا بوينىغا تىزىنى قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ساقچى دېرېك چاۇۋىنغا قارىتىلغان ئەيىبلەش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلاشتۇرۇلۇپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مىننېئاپولىس ئىشتاتى باش مۇپەتتىشى كېئىت ئېللىسون، چاۇۋىننىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىنايەتنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى دەرىجىلىك جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشىغا قارار قىلدى. چاۇۋىن، 8 – ئىيۇندا سوتلىنىدۇ. نەق مەيداندىكى باشقا ئۈچ ساقچىنىڭمۇ جىنايەتنىڭ سادىر قىلىنىشىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويد نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى «تىنالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىڭراشلىرىغا قارىماي، ساقچىنىڭ تىزىنى بوينىغا قويۇپ بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ۋەقە، شۇ كۈندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر