ئەنگلىيەدە جورج فلويد ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جورج فلويدنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

1429074
ئەنگلىيەدە جورج فلويد ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار تۈنۈگۈن چۈشتە ئالدى بىلەن ھايدې پاركقا توپلاندى؛ مىڭلارچە كىشى ئۇ يەردىكى نۇتۇق ۋە باياناتلاردىن كېيىن پارلامېنت مەيدانىغا قاراپ يۈرىدى.

«قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى قىممەتلىكتۇر»، «ئادالەت بولمىسا، تىنچلىقمۇ يوق»، «ئەنگلىيە بىگۇناھ ئەمەس» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشقان نامايىشچىلار، باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى بىناسى ۋە لوندون ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ چوڭ مەيدانغا يىغىلدى.

كېيىن شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا قايتىدىن باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى بىنا تەرەپكە يۈرىگەن بىر قىسىم نامايىشچىلار، ساقچىلاردىن تىزلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

بىر قىسىم ساقچىلارنىڭ قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ تىزلىنىپ ئولتۇرغانلىقى كۆرۈلدى. نامايىش جەريانىدا بىر ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىلگىرىلىشى مەلۇم ۋاقىت توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، بىر نامايىشچى بىر ساقچىغا مۇشت ئاتتى.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويد نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى «تىنالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىڭراشلىرىغا قارىماي، ساقچىنىڭ تىزىنى بوينىغا قويۇپ بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ۋەقە، شۇ كۈندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر