شىۋېتسىيەلىكلەرمۇ جورج فلويد ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىك ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەسىگە شىۋېسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

1429091
شىۋېتسىيەلىكلەرمۇ جورج فلويد ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىتوكھولمنىڭ سېگېل تورگ مەيدانىغا توپلانغان نامايىشچىلار «كوچىلىرىمىزدا ئىرقچىلارنىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز» ۋە «تىنالمايۋاتىمەن» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى. «تىنالمايۋاتىمەن» فلويدنىڭ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى سۆزلىرى ئىدى.

نامايىشتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسلىق شەرتى بولغان ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك دەتالاشلار بولۇپ ئۆتتى؛ ساقچىلار بەزىدە نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى پۈركىدى.

سىتوكھولم ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ماتس ئېرىكسون، نامايىشىچىلارنى كۈشكۈرتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نامايىشچىلارنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ سىتوكھولم كوچلىرىغا تارقالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئېرىكسون، نامايىشچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ ياردىمى سايىسىدا تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويد نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى «تىنالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىڭراشلىرىغا قارىماي، ساقچىنىڭ تىزىنى بوينىغا قويۇپ بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ۋەقە، شۇ كۈندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر