گىرېتسىيەدە جورج فلويد ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا قارا تەنلىك ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1429078
گىرېتسىيەدە جورج فلويد ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا قارا تەنلىك ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

پارلامېنت بىناسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىنتاگما مەيدانىدا ئۇچراشقان 3 مىڭ ئەتراپىدا نامايىشچى، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئامېرىكاغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، ئامېرىكانىڭ ئاتىنادىكى ئەلچىخانىسى تەرەپكە يۈرىدى.

«يوقالسۇن ئامېرىكا»، «ئامېرىكا، گىرېتسىيەدە خالانمايسەن» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلار كۆتۈرۈپ مېڭىلغان نامايىشنىڭ ئاخىرىدا ماسكا تاقىۋالغان بەزى كىشىلەر، ئەلچىخانا ئالدىدا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان ساقچىلارغا تاش ۋە ئاتەش توپلارنى ئاتتى.

ساقچىلار گاز ۋە ئاۋاز بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار نامايىشچىلاردىن 7 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويد نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى «تىنالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىڭراشلىرىغا قارىماي، ساقچىنىڭ تىزىنى بوينىغا قويۇپ بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ۋەقە، شۇ كۈندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر