دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 388 مىڭ 500 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 603 مىڭ 600 دىن ئېشىپ كەتتى، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 191 مىڭ 900  كىشىگە يەتتى.

1429102
دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھازىرغىچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 109 مىڭ 159 غا، يۇقۇملانغانلار سانى بىر مىليون 902 مىڭ 779 غا يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 359 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 39728 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 279856 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 81 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29021 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 189082 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە ھازىرغىچە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 27 مىڭ 128 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 240 مىڭ 326 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسپانىيە پارلامېنتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 14 – مارتتىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەت بۇيرۇقىنىڭ مۇددىتىنى 21 – ئىيۇنغىچە ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىغان بولۇپ، ئىسپانىيە 1 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن چەڭلىك ۋە رايونلۇق دائىرىدە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدىكەن.

بېلگىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن ھاياتىدىن  ئايرىلغانلار سانى 9548 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 58 مىڭ 767 گە يەتتى.

31 دۆلەتكە قارىتا ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان گېرمانىيە، ياۋروپا سىرتىدىكى دۆلەتلەرگىمۇ تەرىجىي ھالدا بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشنىڭ پىلانلاۋاتقانلىقىى ئۇقتۇردى.

شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن كانادادا، يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 178 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 7 مىڭ 558 گە يەتتى.

بىرازىلىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 32 مىڭ 568 كىشى قازا قىلدى. بۇ ئارىلىقتا، ئىككى مىڭ بىرازىلىيەلىك ئىختىيارىي ھالدا ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنىڭ سىناق باسقۇچىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن، بىرازىلىيە «ئەنگلىيە سىرتىدا ۋاكسىنا سىناق قىلىنغان تۇنجى دۆلەت» بولىدۇ.

ئېكۋادوردا دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپەرلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 11 مىڭ 729 كىشى قازا قىلغان مېكسىكادا، مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان قۇرلۇش، كانچىلىق، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياساش، تاشلاندۇق نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋېلىسىپىت سېتىش قاتارلىق ساھەلەر قايتىدىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى پان ئامېرىكا سەھىيە تەشكىلاتى، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشمىگەن بولۇشىغا قارىماي، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ يېنىكلىتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايون دۆلەتلىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىشتە ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇنداق بولمىغاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كېتىشتەك خەۋپلىك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر