ئەنگلىيە پارلامېنتى باش ۋەزىر جونسوننى سوراققا تارتتى

ئەنگلىيە ئۆكتىچى پارتىيەلىرى باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويدنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1428957
ئەنگلىيە پارلامېنتى باش ۋەزىر جونسوننى سوراققا تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى باش ۋەزىر بورىس جونسوندىن جورج فلويدنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا سوئاللار سورىدى.

ئەنگلىيە ئىشچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كېيىر ستارمېر (Keir Starmer) فلويدنىڭ ئۆلۈمىدىن چۆچىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ جىنايەت، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا بىر نەرسە دېمىگەنلىكىنىڭ، ئۆزىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بورىس جونسوننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كېيىنكى قېتىم سۆزلەشكەندە، ترامپنىڭ ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ئەنگلىيەنىڭ يىرگەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون يۇقىرىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، فلويدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغانلىقىنى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىراق خەلقنىڭ تىنچلىق ئۇسۇلدا نامايىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شوتلاندىيە دۆلەت پارتىيەسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى ئىيان بلەكفورد (Ian Blackford)، باش ۋەزىر بورىس جونسوننى ھازىرغىچە مەزكۇر مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە، نېمە دەيدىغانلىقىنى ۋە «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك» دەپ دەيدىغان-دېمەيدىغانلىقىنى سورىدى.

باش ۋەزىر بۇ سوئالغا: «ئەلبەتتە، قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك. پەقەت ئامېرىكادىكىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ۋە بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكى غەزەپ-نەپرەتنى، قايغۇنى پۈتۈنلەي چۈشىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون نامايىش قىلىش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى، بىراق نامايىشلارنىڭ قانۇن ۋە ئىجتىمائىي مۇساپە قائىدەلىرىگە بويسۇنغان ھالدا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر