پۈتىن رۇسىيەنىڭ يادرولۇق قورال ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىنى ئىمزالاندى

رۇسىيەگە ياكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى يادرولۇق قورال ياكى كەڭ - كۆلەملىك قىرغۇچى قورال ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا، رۇسىيە يادرولۇق قورال ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

1428629
پۈتىن رۇسىيەنىڭ يادرولۇق قورال ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىنى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلەتنىڭ يادرولۇق قورال ساھەسى سىياسىتى توغرىسىدىكى ھۆججەتكە ئىمزا قويدى.

ھۆججەتنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش خاراكتېرىغا ئىگە ئىكەنلىكى شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ يادرولۇق قوراللىرىنى چېكىندۈرگۈچ ئامىل ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۆججەتتە، «ئەگەر رۇسىيەگە ياكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى يادرولۇق قورال ۋە ياكى كەڭ - كۆلەملىك قىرغۇچى قورال ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا، روسىيەمۇ يادرولۇق قورالنى ئىشلىتىشكە تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  رۇسىيەگە  قارشى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىد سالىدىغان ئەنئەنىۋىي ھۇجۇملار يۈز بەرگەندىمۇ، رۇسىيە ئۇنىڭغا يادرولۇق قورالى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ھۆججەتتە يەنە، ئەگەر رۇسىيە زېمىنىغا ياكى ئىتتىپاقداشلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم باشلانسا ۋە دۈشمەنلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئىگىلىگەن تەقدىردە، يادرولۇق قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى، يادرولۇق قورالغا ئىگە كۈچلەر رۇسىيە ۋە قوشنا دۆلەت زېمىنلىرىدا پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرغان ئەھۋالدىمۇ رۇسىيەنىڭ يادرولۇق چىكىندۈرگۈچ كۈچىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  

دۈشمەن رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئاممىۋى ياكى ھەربىي مۇئەسسىسەلىرىگە مۇداخىلە قىلغان ئەھۋالدا، رۇسىيەنىڭ يادرولۇق قورال ئىشلىتىشكە تەييار بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ھۆججەتتە يەنە، رۇسىيەنىڭ يادرولۇق چېكىندۈرگۈچ ھەرىكىتى دائىرىسىدە (hypersonic) ئاۋازدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك ۋە لازېر نۇرلۇق قوراللىرى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغانلىقى، ھەمدە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنىمۇ «يوشۇرۇن دۈشمەن ھەرىكىتى» دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۆججەتتە يەنە، روسىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ھەربىي ئۇنسۇرلار قاتارىدا، ئالەم بوشلۇقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەندى.

ھۆججەتتە يەنە، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەربىي-سىياسىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا رۇسىيەنىڭ يادرولۇق قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تەييارلىنىش قارارى ماقۇللىغانلىقىغا ياكى ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر مەلۇمات بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر