دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۆپەيمەكتە

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 383920 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 470 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 3 مىليون 83 مىڭغا يەتتى.

1428399
دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 324 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 39530 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 277985 كە يەتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 108 مىڭ 62 گە، يۇقۇملانغانلار سانى بىر مىليون 881250 كە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 55 كىشىنى قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 33530 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 233515 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 107 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 28940 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 188829 غا يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 27127 ئىكەنلىكىنى،  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، بۇن جەرياندا 137 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 239932 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.  

پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى، ېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 12 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 1432 گە،  يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 32895 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 1262 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 31309 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 555383 كە يەتتى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 1262 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 31309 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 555383 كە يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 470 كىشى بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 10637 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 97326 گە يەتتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن 5967 كىشى قازا قىلغان گوللاندىيەدە روتتېردام ۋە سچېدام شەھەرلىرىدە جەمئىي 50 ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسى بېكىتىگە ئېسىلغان گوللاندىيە تىلىدا يېزىلغان قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەت ۋە «بەرداشلىق بەرگىن گوللاندىيە» ھەمدە «ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچلۈكمىز» سىگنالى ئارقىلىق خەلقنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشنى قوللىشى نامايەن قىلىندى.

غەرب ئەللىرىدىكى باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى تۆۋەندىكىچە:

بېلگىيەدە 9522؛ گېرمانىيەدە 8674؛ كانادادا 7395؛ پېرۇدا 4767؛ چىلىدا 1188.

گېرمانىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن يولغا قويۇۋاتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى 15 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 26 دۆلەتتىن سىرت يەنە، ئەنگلىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋىتسارىيە ۋە لىچتېنشتېين ئۈچۈن بىكار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر