دۇنيا بويىچە ئەڭ ساپ ھاۋا بايقالدى

ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ساپ ھاۋانىڭ جەنۇبىي ئوكياندا بايقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1428900
دۇنيا بويىچە ئەڭ ساپ ھاۋا بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولورادو ئۇنۋېرسىتىتىدا سونا كرېدېنۋېيس ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، جەنۇبىي ئوكياننىڭ بىيوئېروسول دەرىجىسى ئۆلچەم قىلىندى.

دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئوكياندا مەزكۈر ئۆلچەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان ۋە رايوندا ئىنسانلار پەيدا قىلىدىغان ئانتروپوگېنلىق بۇلغىنىش زەررىچىلىرى بايقالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر