ئىران ئەۋەتكەن نېفىت پاراخوتى ۋېنېزۇئېلاغا يېتىپ باردى

ئىران ئەۋەتكەن 5 – ۋە ئاخىرقى نېفىت پاراخوتى ۋېنېزۇئېلا دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى.

1427971
ئىران ئەۋەتكەن نېفىت پاراخوتى ۋېنېزۇئېلاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، «كلاۋېل» ناملىق  ​​ئەڭ ئاخىرقى ماي پاراخوتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋېنېزۇئېلا  دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى، « Fortune»، « Forest»، « Faxon» ۋە « Clavel» ناملىق بىر مىليون 53 مىڭ ۋارىل ماي قاچىلانغان 5 نېفىت پاراخوتىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا  قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو نېفىتنىڭ ئىراندىن سېتىۋېلىنغانلىقىنى ۋە ۋېنېزۇئېلادىمۇ پۇلغا سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر