سالۋادور ۋە گۋاتېمالادا ئاماندا بورىنى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە 17 كىشى قازا قىلدى

ئاماندا بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى سالۋادوردا 15 ۋە گۋاتېمالادا 2 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1427818
سالۋادور ۋە گۋاتېمالادا ئاماندا بورىنى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالۋادور ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مارىيو دۇران بوران سەۋەبىدىن دۆلەتتە 7 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مارىيو دۇران تەخمىنەن 7000 كىشىنىڭ بەلگىلەنگەن 154 پاناھلىنىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بىر يىللىق نورمال ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ 70 سائەت ئىچىدىلا يېغىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

دائىرىلەر ھەددىدىن زىيادە ھۆل-يېغىن سەۋەب بولغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 900 ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۋاتېمالا دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى داۋىد دې لېئون بوران سەۋەبىدىن ئۆيى يىقىلىپ چۈشكەن 9 ياشلىق بىر بالا بىلەن بىر كىشىنىڭ دەريا سۈيىدە ئېقىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەر ئىككى دۆلەتتە بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قانچە ئولتۇراق رايون ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

مېكسىكادىمۇ كامپەچە ئىشتاتىدىن ۋېراكرۇز پورتىغىچە بوران ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر