دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 338 مىڭغا يېقىنلاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 377 مىڭ 800 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 388 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 2 مىليون 922 مىڭدىن ئاشتى.

1427952
دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 338 مىڭغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 111 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 39045 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 276332 گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 60 كىشىنى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 33475 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 233197 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 31 كىشى قوشقاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 28833 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 226831 گە يەتتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 71 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقىنى، يېڭىدىن قازا قىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 35  ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

كانادادا قازا قىلغانلار سانى يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 244 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 7380 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېڭىدىن ۋىرۇس بايقالغان 2275 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 92465 كە يەتتى.

بىرازىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 30046 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 529504 كە يەتتى.

10167 ئادەم قازا قىلغان مېكسىكادا، يېڭىدىن ۋىرۇس بايقالغان 2771 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 93435 كە يەتتى. پىرېزىدېنت ئوبرادور، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەر قەدەممۇقەدەم بوشىتىلغان بىرازىلىيەدە يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تاش يول ئارقىلىق ساياھەت قىلىپ، «يېڭى نورماللىشىش» قا قايتىش جەريانىغا باشلامچىلىق قىلدى. ئۇ يەنە، ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا كۆپىيىش كۆرۈلگەن تەقدىردە، چەكلىمىلەرنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

بۇلاردىن باشقا بېلگىيەدە 9486، گېرمانىيەدە 8618، پېرۇدا 4634، چىلىدا 1113 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر