ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن ئەجدىھا كاپسۇلى خىتاي  - موڭغۇلىيە چېگراسى ئاسمىنىغا جايلاشتى

«SpaceX» نىڭ ئەجدىھا كاپسۇلى تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ  فلورىدادىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربىتىغا ئەۋەتىلگەن ئىدى.

1427215
ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن ئەجدىھا كاپسۇلى خىتاي  - موڭغۇلىيە چېگراسى ئاسمىنىغا جايلاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «SpaceX» نىڭ ئەجدىھا كاپسۇلى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى دۇگ ھارلېي ۋە بوب بېنكېننى ئېلىپ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسى (UUI) غا يېتىپ باردى.

ئەجدىھا كاپسۇلىنىڭ (UUI) غا  تەۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ياردىمىسىز ئاپتوماتىك ھالدا خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسى (UUI) غا  چاپلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسى (UUI) غا چاپلىنىشنىڭ،  خىتاي  - موڭغۇلىيە چېگراسى ئاسمىنىدا، 422 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە ئىشقا ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھارلېي بىلەن بېنكېن خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسى (UUI)  دا رۇسىيە ۋە ئامېرىكالىق خادىملار بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى بېسىم ۋە ئېقىپ كېتىش تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

«SpaceX» نىڭ ئەجدىھا كاپسۇلى تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ  فلورىدادىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربىتىغا ئەۋەتىلگەن ئىدى.

قويۇپ بېرىلىش جەريانى ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) ۋە «SpaceX» نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىدىن باشقا يەنە، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىمۇ نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر