سومالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالىدا بىر ئاممىۋى قاتناش مىنىبۇسى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 10 ئادەم قازا قىلدى، 13 ئادەم يارىلاندى.

1426954
سومالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاستىن شەبەللە رايونى ساقچى ئەمەلدارى ھۇسەيىن ئابدى ئەلى، پۇقرالار ئولتۇرغان بىر مىنىبۇسنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ،  10 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 13 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھازىرغىچە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى رايوندا پات – پاتلا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارغا قارشى قانلىق ھۇجۇملارنى پەيدا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئارمىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئاستىن شەبەللە رايونىدا ئەششاب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 18 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر